![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/6/66/China_Xinjiang_Ili.svg/langug-640px-China_Xinjiang_Ili.svg.png&w=640&q=50)
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Ili Qazaq Aptonom Oblasti)بولسا شىنجاڭ دىكى بىر ئاپتونوم ئوبلاست، 3 مىليۇنغا يېقىن نوپۇسى بار. شەرقىي جەنۇبىي قىسمى بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي قىسمى بورتالا موڭغۇل ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 432 كىلومېتىر). شەرقىدن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 56 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر، ۋىلايەتكە بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، كۈنەس ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى) قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ شتابى ۋە 19 يېزا ئىگىلىك - دېھقانچىلىق تۇەن - مەيدانلىرى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
伊犁哈萨克自治州.Ili Kazakh Autonomous Prefecture | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ئاپتونوم ئوبلاست |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر، قازاق |
تىللار | ئۇيغۇرچە قازاقچە |
شەھەر سانى | 6 دانە |
ناھىيە سانى | 19 دانە |
نوپۇسى (2015-يىل) | 2,810,000 [1] |
يەر مەيدانى | 278,851.95 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 908(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新D,新F,新G,新H |