![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/1/1e/Location_of_Hotan_County_within_Xinjiang_%2528China%2529.png/640px-Location_of_Hotan_County_within_Xinjiang_%2528China%2529.png&w=640&q=50)
بۇزاق يېزىسى
From Wikipedia, the free encyclopedia
بۇزاق يېزىسى خوتەن ناھىيىسىگە قاراشلىق بولۇپ، خوتەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، خوتەن شەھىرىبىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، خوتەن ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 4 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپى باغچى بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى تۇساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى لايقا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاتناش قولايلىق. يېزا بويىچە ئومۇمىي يەر كۆلىمى 533 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31 مىڭ مو، شەھەرگە قاراشلىق 222 كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى، 3 مەمۇرىي كەنت، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات رايونى، 167 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يېزا بويىچە جەمئىي دېھقان-چارۋىچىلاردىن 6367 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 28 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمگەك كۈچلىرى 13 مىڭ، يېزا بويىچە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %13.5، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰9.51 بولغان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قولدا توقۇلغان گىلەم قاتارلىقلار.
بۇزاق يېزىسى
布扎克乡.Buzaq town | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | خوتەن ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 24 دانە |
نوپۇس | 27 مىڭ |
يەر مەيدانى | 35.3 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |