![cover image](https://wikiwandv2-19431.kxcdn.com/_next/image?url=https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/2/2e/ChinaUrumqiShuimogou.png/640px-ChinaUrumqiShuimogou.png&w=640&q=50)
بۇلاقتاغ رايونى
From Wikipedia, the free encyclopedia
بۇلاقتاغ رايونى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت مەركىزى شەھەر رايونىنىڭ بىرى. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، جەنۇبتا قىزىل تاغ يولى ئارقىلىق تيانشان رايونى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى داۋانچېڭ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساي تېز سۈرئەتلىك تاش يولى ئارقىلىق سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى بىلەن قوشنا، شىمالىي ۋە شەرقىي كۆكتاغ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.
بۇلاقتاغ رايونى
水磨沟区.Bulaktagh District | |
![]() | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | شەھەر رايونى |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
شەھەر | ئۈرۈمچى شەھىرى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كوچا باشقارمىسى سانى | 14 دانە |
بازارلىق سانى | 0 دانە |
يېزا سانى | 0 دانە |
نوپۇس | 150 مىڭ |
يەر مەيدانى | 92 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 991(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新A |