دۆنەر كاۋاپ (يېمەكلىك)
From Wikipedia, the free encyclopedia
دۆنەر كاۋاپ (Doner kebab؛ döner kebab) تۈركىيەدە بارلىققا كېلىپ، گېرمانىيەدە ئومۇملىشىپ، دۇنيا تەۋەسىدە ئالقىشلانغان بىر خىل ساندىۋىژ تىپىدىكى كاۋاپ تۈردىكى تېز يېمەكلىكتۇر. دۆنەر كاۋاپنىڭ گۆشى تىك ئايلانما زىقلىق كاۋاپداندا كاللەكلەپ چاپلانغان گۆشلەرنى قىزىتىپ پىشۇرۇشتىن ھاسىل بولىدۇ. ئاندىن كېيىن پىشقا كاۋاپنى تىك ھالدا قىرىپ ئېلىپ بولكىنىڭ ئىچىگە ھەرخىل سالاتلار بىلەن بىللە ئارلاشتۇرۇپ تىقىشىتن تەييارلىندۇ. بەزىدە دۆنەر كاۋاپ ۋە سالاتلارنى بىۋاستە تەخسىدە ۋېلكا ياكى چوكا بىلەن ئىسىتمال قىلىدۇ.
More information تىپى, ئانا يۇرتى ...
تىپى | ئۇششاق-چۈششەك؛
ئاساسلىق تائام؛ |
---|---|
ئانا يۇرتى | ئوسمانلى ئېمپرىيەسى |
دۆلەت | ئاناتولىيە (ھازىرقى تۈركىيە) |
ئىستىمال
تېمپىراتۇرسى |
قىززىق |
ئاساسلىق
ماتېرياللار |
قوي گۆشى؛
كالا گۆشى؛ توخۇ گۆشى؛ چوشقا گۆشى (ئاز ئۇچرايدۇ) |
تۈرلىرى | ئىسكەندەر كاۋىپى؛
گىيرو كاۋىپى؛ پاستور كاۋىپى (مېكسىكا)؛ |
Close