شاكال بەدىيان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شاكال بەدىيان ئادەتتە قارامۇچ، كاۋاۋىچىن، قىزلمۇچ، ياغمۇچ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئاچچىق-چۈچۈك تائاملارنى ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى | شاكال بەدىيان |
---|---|
ئەرەبچە نامى | بىدىيان، رازىيەنەچ |
ئىنگلىزچە | truestar Anise
Illicium verum |
تەبىئىتى | ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. |
خەنزۇچە ئاتىلىشى | 八角茴香 ba jiao huo xing |
---|---|
پارسچە نامى | سېنى |
ئوردۇچە نامى | بادىيان سېنى، ئاناس پەلى |
بۇ ماگىنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، ئېگىزلىكى 10 ~14 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان چاتقال دەرەخنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، تەمى ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ. بۇ دەرەخنىڭ ئۇرۇقى «بەدىيان چىنى» ياكى «شاكال بەدىيان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن، گۈيجۇ، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.
ھەر يىلى ئىككى قېتىم يىغىۋېلىنىدۇ. 2- ، 3- ئايدا پىشقان مېۋىسى ئاز چىقىدۇ. 8- ، 11– ئايلار بولسا يىغىۋېلىشنىڭ مول – ھوسۇل پەيتى. يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا ياكى بوش ئوتتا قاقلىتىپ قۇرۇتىلىدۇ. قۇرۇق – سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.
مېۋىسىدە %5 ئۇچۇچان ياغ (Oleum Foeniculi)، تەخمىنەن %22 مايلىق ياغ، ئاقسىل، دىۋىرقاي قاتارلىقلار بار
1. ئۇچۇچان ماي تەركىبىدىكى ئانتول غىدىقلاش رولىغا ئىگە، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئاشۇرۇپ، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.
2. شاكال بەدىيان قايناتمىسى ئىنسانلاردىكى سىل تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سىبلىس تاياقچە باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىغا ئىگە.
ئورۇنباسارى
بەسباسە.
ئەكىس تەسىرى
باش ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى
قۇرۇتۇلغان شاكال بەدىيان.
ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
يەل تارقاتقۇچى مۇرەككەپ چايلىق.
كېسەللىك مىسالى
سوغۇقتىن بولغان قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى، بۆرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بەل ئاغرىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. شاكال بەدىياننى قارا چاي بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، يەل تارقىتىدۇ.
2. پىننە، بەدىيان، زىرە، شاكال بەدىيانلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن، دارچىن، لاچىندانە، سۇمبۇللارنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ، چالا سوقۇپ، چاي دەملەپ ئىچسە ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، سوغۇق يەللەرنى تارقىتىدۇ.
3. شاكال بەدىيان ۋە سۆئلەپتىن 10 گرام، شاقاقۇلدىن 5 گرام، دارچىندىن گرام ئېلىپ ، قائىدە بويىچە سوقۇپ، جايلىق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مىقدارى
5 ~ 3 گرامغىچە.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
پەي – مۇسكۇللارنى بوشىتىۋېتىدۇ، باش ئاغرىتىدۇ، قورۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
- شاكال بەدىيان
- شاكال بەدىيان ئۆسۈملۈكى
- تەشتەكتىكى شاكال بەدىيان
- شاكال بەىدياننىڭ شەكلى ئوكتاگونال (سەككىز بۇلۇڭ ياكى يۇلتۇز شەكىللىك) بولىدۇ.
- شاكال بەدىيان
- يېشىل رەڭلىك شاكال بەدىيان
- شاكال بەدىيان
Wikiwand in your browser!
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.