قاراساي بازىرى
From Wikipedia, the free encyclopedia
قاراساي بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.شىمالى تەرىپىدە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ ئاۋات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقى تەرىپى 477-تۈەن مەيدان ئورگىنى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبتا كۇيا يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى ياۋا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەھەر شەرقى مېردىئان ′40°79 ~ ′40°799، شىمالىي كەڭلىك ′34°37 ~ ′23°37 ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1305 مېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 3902 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58913 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.63 مو.
قاراساي بازىرى
喀尔赛镇.Qarasay Town | |
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | قاراقاش ناھىيىسى |
مىللەتلەر |
ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 32 دانە |
نوپۇس | 38 مىڭ |
تور بېكەت | قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى |