لاڭرۇ يېزىسى
جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى يېزا / From Wikipedia, the free encyclopedia
لاڭرۇ يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، قارا قۇرۇم تېغىىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە، جەنۇبىي قىسمى ئېگىز-پەس تاغ بەلبېغى ۋە ئېگىز تاغلىق رايونلار، جەنۇبىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمىدا قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. يېزا قارىمىقىدا جەمئىي 14 مەمۇرىي كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 51 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. ئومۇمىي ئائىلە سانى 5160، نوپۇس سانى 17960 ئادەم. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 24648 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11300 مو كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر 0.6 موغىمۇ يەتمەيدۇ. يەر تۈزۈلۈشى جەھەتتە جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر كۆلىمى %95 تىن ئاشىدۇ. غەربىي ۋە جەنۇبى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن ھىندىستان نىڭ ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى كەشمىر بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربتە قاراقاش، شەرقىي جەنۇبتا قاشتېشى يېزىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شىمالىي قىسمى [[لايقا يېزىسى[[ ۋە بۇزاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، شەرقىي تەرىپى تۇساللا يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 90 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 260 كىلومېتىر كېلىدۇ.
لاڭرۇ يېزىسى
朗如乡.Langru town | |
خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | خوتەن ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 15 دانە |
نوپۇس | 17 مىڭ |
يەر مەيدانى | 24,648 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |