ئەرەب يېرىم ئارىلى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئەرەب يېرىم ئارىلى (كوھنە ئاتى: جەزىرەتۇل ئەرەب) (ئەرەبچە: شبه الجزيرة العربية \ شىبھەل جەزىرەتۇل ئەرەبىييە ) ياكى ئەرەبىستان، ئاسيانىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە ئاڧرىقانىڭ شەرقى شىمالىدا يەر ئالغان يېرىم ئارال. بۈيۈك قىسمى چۆل بولغان بۇ يېرىم ئارال، ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان نېڧىت ۋە تەبئىي گاز زاپاسلىرى بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ گىئوپولىتىك نوقتىدىن ئىنتايىن مۇھىم رايوندۇر. منىتىقەدە نۇپۇسنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان ئەسىللىقتۇر. شۇنداقلا يېرىم ئارال، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ تارقالغان يېرىدۇر. مۇقەددەس مەككەئى مۇكەررەمە ۋە مەدىنەئى مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرى بۇ يېرىم ئارالدىدۇر.
يېرىم ئارالغا جايلاشقان ئەللەر سەئۇدى ئەرەبىستان، يەمەن، ئومان، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى، قاتار، بەھرەين، كۇۋەيت، ئىراق ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىقلاردۇر. بۇلار ئىچىدە ئىراق ۋە ئىئوردانىيە توپراقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ سىرتىدا قالىدۇر.