From Wikipedia, the free encyclopedia
لۇتپۇللا مۇتەللىپ -(تەخەللۇسى قاينام ئۆركىشى، لۇتۇن)(1922-يىلى 22-نويابىر - 1945-يىلى18-نويابىر ) 20-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىر، دىراماتوروگ ۋە مۇستەملىكىگە قارشى تەشكىلاتچى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ | |||||
---|---|---|---|---|---|
مىللىتى | ئۇيغۇر | ||||
كەسپى | شائىر |
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان شېئىرىيىتىدە ھەممىدىن تونۇلغان شائىرلارنىڭ بىرى. لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ »،« خىيالچان تىلەك»، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى، ۋە يېقىنقى ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە رومان «داۋانلار ئاشقاندا»(بۇ ئەسەر يوقۇلۇپ كەتكەن)نى يازغان. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.
شېئىرىيەتتىن باشقا لۇتپۇللا تەشكىلاتچىلىق، دىرامما ئەرتىسلىكى، تەرجىمانلىق ۋە تەھرىرلىكمۇ قىلغان.
مۇستەملىكىگە قارشى ئۇيغۇر مىللىي ئازاتلىق كۈرىشى تارىخىدا ئاقسۇدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردىن 1945-يىلى قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلات «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ قۇرغۇچىسى.
1945-يىلى گومېنداڭ باشچىلىقىدىكى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
لوﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتا ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. بەزى مەنبەلەردە نىلقا ناھىيىسىدا تۇغۇلغان دەپمۇ يازىدۇ. 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ كۆچۈپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.
لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە بەش يېشىدىلا ساۋاتىنى چىقارغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاۋۋال چۇنجىدا، كېيىن غۇلجىدىكى تاتار مەكتىپى(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ) دە، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇس گېمنازىيىسىدە ( كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى ۋە ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ) تە ئوقۇغان. 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجياڭ دارۇل مۇئەللىمىن»)(ھازىرقى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتى)گە كىرىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سوۋىت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملەرىنىڭ جەنۇبىي شىنجياڭنى جۇغراپىيەلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»گە خىزمەتكە كىرىپ، مۇھەررىر بولغان. كىيىن جوڭگۇ ھاكىميىتى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ 1943-يىلى 11-ئايدا، ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ۋە «ئاقسۇ گېزىتى»دە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئاقسۇدا بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1944 يىلى غولجىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان. 1945-يىلى 4-ئايدا ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى نامىدىكى مۇستەملىكىگە قارشى مەخپىي تەشكىلات قۇرغان.
ئابلىمىت ئابدۇللاھ يازغان «مەرھۇم پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنى ئەسلەيمەن» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بىر بايان بار: «سابىق شەرقىي شىنجياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايوف (لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچاسى گۈلسۇم مۇتەللىپ ‹1919-1999-يىللار›نىڭ كۈيوغلى) لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتى ھەققىدە توختولۇپ مۇنداق دېگەن : “ 1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىپ، ئابدۇغوپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشىلەرنى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى غۇلجاغا ئالىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئاقسۇغا بارىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشىدۇ. مەقسەتنى ئۇقتۇرغاندىن كەيىن، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئابدۇغوپۇر ناسىروفلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجاغا كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئاتنىڭ ئۈزەنگەسىگە پۇتىنى ئالىپ بولغان ل. مۇتەللىپ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروف: ‹نەمە بولدىڭىز؟ تىز بولۇڭ!› دەگەندە، ئۇ: ‹شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنجىدىن، مەن گومىنداڭدىن قورققان بولمامدىمەن؟ ئىككىنجىدىن، سەپداشلارىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بولىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلارىمغا نەمە بولسا، ماڭامۇ شۇ!› دەپ، غۇلجاغا كەتىشتىن يالتايىپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار نەسىھەت قىلىپ: ‹مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن بىللە غۇلجاغا كەتىڭ. بولماسا، ھاياتىڭىزغا خەۋپ يەتىدۇ. بۇ- رەھبەرلىك بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى پات ئارادا جەنۇبىي شىنجياڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە قىسىملارى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسەڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟› دەگەندە، مۇتەللىپ: ‹ ياق، كەتمەيمەن. سەپداشلارىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن. مەن ئاقسۇدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ زەپەر قۇچۇپ كەلىشىنى كۈتىمەن› دەپ، ئاقسۇدا قاپقالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلەرى غۇلجاغا قايتىپ كەتىدۇ»[1]
1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومېنداڭ ھاكىميىتىدىكى جوڭگۇ ساقچى ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەر لۇتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان.
لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !
42. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 1 - سانىدا زەينۇرە ئەيسانىڭ « سەبدەگۈل » باللاداسى ئېلان قىلىنغان، باللادادا سەبدەگۈلنىڭ ل . مۇتەللىپكە بولغان مۇھاببىتى ۋە سېغىنىشىنى ۋاستە قىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ئىنقىلاۋى ھاياتى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى نامىنىڭ قارلىنىشى، 3 - ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كېلىش جەريانى لىرىك ئوبراز بايانى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. 43. « شىنجاڭ ياشلىرى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 4 - 5 - 6 - 7 - سانلىرىغا ئابدۇللا تالىپ يازغان « ل.مۇتەللىپ ۋە ياش ئەۋلاتلار » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 44. 1980 - يىلى 6 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كوللېكتىپ توپلام « داستانلار » غا ل.مۇتەللىپنىڭ « مۇھەببەت ھەم نەپرەت » داستانى كىرگۈزۈلگەن. 45. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 - سانىغا ئابلەت ئابدۇللانىڭ « لوتۇن خاتىرىسىگە » ناملىق كىچىك داستانى بېسىلغان. 46. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ1980– يىللىق 9 – سانىغا تېيپچان ئېلىيۇفنىڭ « ل . مۇتەللىپنى خاتىرلەيمەن » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى »، ئىبراھىم سەيدۇللانىڭ« كۈرەشچان يىللار ،پارلاق شېئىرىيەت » ناملىق ماقالىلىرى بېسىلغان. 47. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ 1980 - يىللىق 12 - سانىغا نىياز مەخسۇتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسى بېسىلغان. بۇ ئەسلىمە يەنە ئاقسۇدىكى « تارىم ئەدەبىياتى » نىڭ 1980يىللىق 3 - سانىغىمۇ بېسىلغان. 48. 1980 - يىلى 2 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان كوللېكتىپ توپلام « تارىم ئۆركەشلىرى » گە ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « ياشلىق ئۆگەن » قاتارلىق 3 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 49. ئەلقەم ئەختەمنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1981 - يىل 2 - ئاي، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » ناملىق بۇ توپلامغا ئەلقەم ئەختەمنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن، يەنە ل.مۇتەللىپنىڭ 53 پارچە شېئىرى، ئىككى فېلىيەتۇنى كىرگۈزۈلگەن. 50. جاڭ شىرۇڭ، ياڭ جىنشىياڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرى » ناملىق كىتاب 1981 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 51. شائىر ئەلقەم ئەختەم يازغان « ل.مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى » ناملىق ماقالىسى 1982 - يىل 1 - ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىن ۋاڭ يېجى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ « شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. 52. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان پەسىللىك خەنزۇچە ژۇرنال « تىيانشان » نىڭ 1982 - يىللىق 2 - سانىدا ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان ۋە ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان ل . مۇتەللىپنىڭ « يىللارغا جاۋاپ »، « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى » قاتارلىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 53. شىياۋسەن ئاپتورلىقىدا تۈزۈلۈپ جوڭگۇ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىلى 4 - ئايدا خەنزۇچە نەشر قىلىنغان « ئېنقىلابى قۇربانلار شېئىرلىرىنىڭ داۋامى » ناملىق كىتابقا ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايوف تەرىپىدىن خەنزۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان « بىز شىنجاڭ ئوغۇل - قىزلىرى »، « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « يىللارغا جاۋاپ »، « خىيالچان تىلەك »، « مۇھاببەت ھەم نەپرەت »، « پارچىلار » قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 54. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1982 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان« شىنجاڭ قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە » (خەنزۇچە) دېگەن كىتابقا خەنزۇ تەتقىقاتچىلاردىن شاۋسەننىڭ« ئۆزگىچە ئېچىلغان بىر تال گۈل »، شىڭ پېڭنىڭ « شائىر، جەڭچى، ۋەتەننىڭ سادىق ئوغلى » قاتارلىق ماقالىللىرى كىرگۈزۈلگەن. 55. « شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « ۋەتەن قۇربانلىرى » ناملىق دىراممىسى، بېسىلغان. 56. « ئىلى دەرياسى » 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسى بىلەن يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدىنىڭ ل.مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « تۇنجى قەدەم » ناملىق ئوچىرىكى ئېلان قىلىنغان. 57. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 4 - ساندا « ل.مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ئىستون ئېچىلىپ، شائىرنىڭ ياڭ جىن شىياڭ، جاڭ شىرۇڭلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان « كۈرەش سېپىدىن شەپە »، « كۈرەش »، « كۆرىشىۋاتىمىز »، « مۇخەممەس »، « كەل يېڭى يىل »، « چوڭ قەھرىمان ئويغاندى »، « دوستۇمغا »، « يەنە ئويغان »، « ماۋزۇسىز »، « يانار تاغلار »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ئىككى شېئىر » قاتارلىق 12 پارچە شېئىرنى، « ماركىس، ئېنگىلىسلار ئەدەبىيات توغرىسىدا »، « سەنئەتكە مۇھەببەت » ناملىق ئىككى پارچە ماقالىسىنى، قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىندا چاقىنىغان يۇلتۇز » ناملىق سېلىكىنى ھەمدە مۇھەممەت ھەسەر ئىركەنىڭ « ل.مۇتەللىپكە » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپنى ئەسلەيمەن » ناملىق ئەسلىمىسىنى باسقان. « ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن، ئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن » دېگەن سەھىپىنى ئېچىپ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەپ ل.مۇتەللىپنىڭ « تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەم ۋاراجلىنىش تارىخى » دېگەن ماقالىسىنى باسقان. يەنە ئىسلام سادىقنىڭ « ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدىكى ھاياتىدىن ئىككى خاتىرە » ناملىق ئەسلىمىسىنىمۇ باسقان. 58. « شوغىلا » (قازاقچە) ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىن دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ، ل . مۇتەللىپنىڭ 60 يىللىقى خاتىرلەندى ۋە شائىرنىڭ « تاڭ يورۇپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن ـ ھۈسەن »، « ياشلىق ئۈگەن » قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسلدى. 59. 1982 - يىل9 - ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل.مۇتەللىپ ھەققىدە ھېكايە » ناملىق پوۋىستى نەشر قىلىنغان. 60. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 10 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىلىپ قۇربان باراتنىڭ « ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز » ناملىق 7 پارچە شېئىردىن تەركىب تاپقان ئىپىك شېئىرىنى، ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ « گۈل باللاداسى » ناملىق باللاداسىنى باسقان. 61. شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982 - يىل 10 - ئايدا ئابدۇللا تالىپ يازغان « قاينام ئۆركىشى » ناملىق بىئوگىرافىك رومان 31 مىڭ تراژدا نەشر قىلىنغان. 62. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە)، 1982 - يىللىق 10 - ساندا « شېئرىيەتنىڭ سېغىنىشى » دېگەن ئستون ئېچىلىپ ل . مۇتەللىپ، موڭغۇل شائىرى سايىن چوكتۇ، نېمشىھىت ئۈچىنى سىزما رەسىمى، تەرجىمھالى ۋە شېئىرلىرى بىلەن تونۇشتۇردى. ل . مۇتەللىپنىڭ ئابدۇكېرىم خوجايۇف تەرجىمە قىلغان « بۇ مېنىڭ ياش گۈلۈم ئېچىلاتتى »، « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق ئۈچ پارچە شېئىرى بېسىلغان. 63. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 11 - سانىدا ژۇرنال نامىدىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ » ناملىق ئوبزور ماقالىسى بېسىلغان. ئاندىن « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلىرىدىن » نامىدا شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « تۈن يېرىپ ئىزلار باسقاندا »، « ھەسەن – ھۈسەن »، « يىللارغا جاۋاب »، « خىيالچان تىلەك » قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق ئەسىرى بېسىلغان. يەنە تەتقىقاتچى ئابدۇشۇكۈر تۇردىنىڭ( كىچىك ماۋزۇدا : ل . مۇتەللىپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى توغرىسىدا ) « ئۇلۇغ غايىنىڭ بايرىقى مەڭگۈ لەپىلدەيدۇ » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 64. « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا تەتقىقاتىچى قادىر ئەكبەر يازغان« لوتپۇللاھ مۇتەللىپ پوئېزىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 65. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 12 - سانىدا « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى ئەسلەيمىز » دېگەن مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ تىيەن جىيەن، جاڭ جژمىن، ليۇ شياۋۇ، ئەزىزۇپ قاسىم، جاپپار ئەمەت، ماخمۇتجان ئىسلام، قېيۇم سوپى قاتارلىقلانىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى باستى. يەنە تېيىپجان ئېليوفنىڭ « يىللاغا جاۋاب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسىنى باستى. ئابدۇللا تالىپنىڭ « قاينام ئۆركىشى » ناملىق رومانىدىن 4 - بابى بولغان « سۈرگۈن » نى باستى. تىيەن چەن بىلەن جاڭ جژمىننىڭ شېئىرلىرى 1962 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇدا يېزىلغان. 66. 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەميىتى شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچىدە ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن خەلق تىياتىرخانىسىدا ئېچىلىدى. 200 دەك ئادەم قاتناشتى. ماقالە ئوقۇلدى. يىغىندا ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنۇپ ھامۇت « ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشايلى » دېگەن تېمىدا سۆزلەپ ل . مۇتەللىپنىڭ ئالغا بېسىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق، ھاياتىنى ۋەتەن، خەلق ئىشلىرىغا بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىشكە چارقىردى. 67. « شىنجاڭ گېزىتى » نىڭ 1982 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى سانىغا تېيىپچان ئېلىيۇف يازغان« ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى - ۋەتەنپەرۋەر شائىر ل، مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 68. « شىنجاڭ ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) 1982 - يىللىق 12 - سانىغا لى ماۋكۈي يازغان « ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرى - ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » ناملىق ماقالە بېسىلغان. 69. شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1982 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 70. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىغا تېيپجان ئېلىيوفنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن ماقالىسى ۋە ئابدۇمىجىت قاسىمى، غۇلام ئەبەيدۇللا، ئابدۇغېنى سىيىت قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپكە بېغىشلانغان « يېشىل قارىغاي »، « يادىنامە »، « شائىر خاتىرىسىگە » ناملىق شېئىرلىرى بېسىلغان. 71. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - سانىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا رەسسام غازى ئەھمەت سىزغان ل . مۇتەللىپنىڭ رەسىمىنى باستى. 72. « شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1 - ساندا « ل.مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى » مۇناسىۋىتى بىلەن « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز » دېگەن سەھىپە ئېچىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوف ھامۇتنىڭ « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز » نى باستى. ت.ئېلىيوفنىڭ « ۋەتەننىڭ سادىق، مۇنەۋۋەر ئوغلى » دېگەن ماقالىسىنى، ئابدۇشۈكۈر تۇردىنىڭ « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك » ناملىق ماقالىنى باستى. شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسىتلىرى شائىرنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » ناملىق شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، مۇھاكىمە يىغىنىدا ت. ئېلىيوف، ئا. تۇردى، ئابلەت ئۆمەر، بۇغدا ئابدۇللا، ئەخمەتبەگ كىرىشبايلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقىنى، 2000 دەك ئادەم قاتنىشىپ، « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » كىنوسى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، يىغىننىڭ 1982 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەلق تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىندى. 73. 1983 - يىل 8 - ئايدا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنى نەشرىگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى تۈزگەن ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنغان توپلىمى« ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرى » نى نەشر قىلدى. كىتابنىڭ بىشىغا « ل.مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ تولۇقلاپ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن » دېگەن ماقالە بېسىلدى. بۇ توپلامغا ئۇنىڭ شېئىرلىرى، نەسىر، فېلىيەتونلىرى، « كۈرەش قىزى »، « چىن مودەن » ناملىق دراممىسى، « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى »، « سەنئەتكە مۇھەببەت »، « تىياتىرنىڭ كىلىپ چىقىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخى » ناملىق ئۈچ پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلدى. 74. « مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ژورنىلىنىڭ (خەنزۇچە) 1984 - يىللىق 2 - ساندا جاڭ يۆ ئىمزاسىدا « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئىنقىلابى ئەدەبىياتىنىڭ باشلامچىسى » دېگەن تېمىدىكى ل . مۇتەللىپنىڭ ئىجادىيتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسىى بېسىلغان. 75. شائىر ھېيتەم ھۈسەيىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008 - يىلى نەشر قىلغان « گۈل ئوغرىسى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا 1984 - يىلى يازغان « ل.مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا » ناملىق شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 76. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1984 - يىلى نەشر قىلغان قازاق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ 7 - سىنىپ دەرسلىكى « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » 2 - بۆلۈمدە ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شائىرىنىڭ « ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق » ناملىق نەسىرى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەشر قىلىنغان قازاق ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ « ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى » دەرسلىكلىرىگە ل . مۇتەللىپنىڭ « لېنىن شۇنداق ئۈگەتكەن »، « يىللارغا جاۋاپ »، « ھەسەن ـ ھۈسەن » قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى. 77. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « لوتۇن » ناملىق كىتابى 1984 - يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. 78. « تارىم » ژورنىلىنىڭ1985 - يىللىق9 - سانىغا ئىمىن تۇرسۇن يازغان « ئوت يۈرەك شائىر » ناملىق نەسىرى بېسىلغان. 79. شىنجاڭ ئۇنىۋرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلى1986 - يىللىق يىللىق 4 - سانىغا نۇرمۇھەممەت زامانىنىڭ ل.مۇتەللىپ ئىجادىيتى تەھلىل قىلىنغان « جاپالىق يىللاردىكى جەڭگىۋار ئەدەبىيات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 80. « شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى » نىڭ 1986 - يىللىق 4 - سانىغا جاپپار ئەمەتنىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىىسى بېسلىغان. 81. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1987 - يىللىق 2 – سانىدا ئۆزبەكىستاننىڭ تاشكەندە 1976 - يىلى غەپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نەشرىياتى ل . مۇتەللىپنىڭ شائىر خەمىت غۇلام، روزى قادىرلار تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى « ياشلىق خۇددى چاقماق دېگەن نام بىلەن كىتابچە قىلىپ نەشر قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. 82. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1988 - يىل نەشر قىلغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى، « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » نىڭ نۇرمۇھەممەت زامانى تۈزگەن 4 - كىتابى « ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى » قىسىمىدا لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. 83. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1988 - يىللىق 2 - سانىدا « ئۇيغۇر دېمكۇراتىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن » سەھىپىسىدە « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ » دېگەن نام بىلەن ل . مۇتەللىپنى تونۇشتۇرغان. 84. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « قانلىق ساۋاق » ناملىق درامىسىدا ل . مۇتەللىپ ئوبرازى يارىتىلغان. بۇ دىرامما ئاپتۇرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990 - يىل نەشر قىلغان « كۈرەش يولى » دراممىلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. 85. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1992 - يىللىق 1 - سانىغا شائىرە سەييارە سەلەينىڭ : « ل . مۇتەللىپ شېئىرلىرىدىكى بەدىئي ئۇسلۇب توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 86. ۋۇ چوڭياڭ يازغان،مەركىزىي مىللەرتلەر ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشر قىلغان « جۇڭگو ھازىرقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپنىڭ ھاياتى، ئىجادىيتى تونۇشتۇرۇلغان. 87. 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە نىلقىدا « ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71 - يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن ئېچىلىدى. يىغىندا قېيۇم تۇردى، ئازاد سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، مەمەت شاۋۇدۇن قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇدى. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ يىغىندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى يولداش ماۋزېدۇڭ ئىمزا قويغان، 1956 - يىلى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكىمىتى چۈشۈرگەن ل . مۇتەللىپكە ئىنقىلاۋى قۇربان دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھنامە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. 88. « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا ئازات سۇلتاننىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە » ناملىق ماقالە بېسىلغان. مۇشۇ سانغا نىلقا ناھىيەلىك پارتىكوم شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنىڭ « ل . مۇتەللىپ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن تەبرىك سۆز » ى بېسىلغان. 89. « مىللىي يازغۇچىلار » (خەنزۇچە) ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 6 - ساندا « ل . مۇتەللىپ توغۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى خاتىرلەندى » دېگەن ژۇرنال ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، بۇ يىغىننىڭ 1993 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە ل . مۇتەللىپنىڭ يۇرتى نىلقىدا ئېچىلغانلىقى، يىغىندا ئىسمائىل ئەھمەت، تۆمۈر داۋامەتلەرنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئاندىن ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى قەييۇم تۇردىنىڭ « ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان ل . مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » دېگەن تېمىدا سۆز قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى باستى. خەۋەردە يەنە يىغىندا ئاتاقلىق يازغۇچى لىيۇ شاۋۋۇ، ئاپتونوم رايونلوق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن بەيجۇڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەنلىكى، تەتقىقاتچىللاردىن ئازات سۇلتان، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ ماقالە ئوقۇغانلىقى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلارنىڭ ل . مۇتەللىپ ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى، يىغىندا يەنە نىلقا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسىمۇ سۆز قىلغانلىقى، نىلقا ناھىيەلىك 2،3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز تىللىرىدا ل . مۇتەللىپنىڭ « جۇڭگو »، « يىللارغا جاۋاب » شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى، بۇ يىغىننى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيتى، شىنجاڭ كۆرگەزمىخانىسى، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، نىلقا ناھيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغانلىقى، يىغىن مەزگىلىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئېنقىلابى ھاياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » ناملىق كىنونىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر بېرىلدى. ژورنالنىڭ بۇ سانىغا يەنە جاڭ يۆنىڭ « ل . مۇتەللىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاساسى » دېگەن ماقالىسىمۇ بېسىلدى. 90. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 11 - سانىغا قېيۇم تۇردىنىڭ ل . مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 71يىللىقىغا بېغىشلانغان « ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 91. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 12 - سانىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مۇقاۋىلىرىغا ل . مۇتەللىپ ھەققىدە نىلقىدا ئېچىلغان 1993 - يىلىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلغان. 92. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993 - يىلى نەشر قىلغان مەخمۇتجان ئىسلام، ئابلىمىت ئىسمائىل تۈزگەن، « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى » ناملىق كىتابتا لوتپۇللا مۇتەللىپ تونۇشتۇرۇلغان. 93. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1994 - يىللىق 4 - سانىغا مۇھەممەت ئەيسا جامىنىڭ « ل.مۇتەللىپنىڭ دراما ئىجادىيتى ھەققىدە ئىزدىنىش » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 94. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 1 - سانىغا. تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « ل . مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىسى بىلەن نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدىكى ئوخشىماسلىقلار » ناملىق ماقالىسى بېسلىغان. 95. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا شائىر ئابدۇكىرىم مەخسۇت يازغان« مۇتەللىپ ئېلىپ كەلدى نىلقىغا مېنى » ناملىق شېئىرى بېسىلغان. 96. شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 2 - سانىغا ئەنەيتۇللا قۇربان يازغان « <يىللارغا جاۋاب> نىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئېستىتىك قىممىتى توغرىسدا » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 97. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 7 - سانىدا جاپپار ئەمەتنىڭ « ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » دېگەن ماقالىسى بېسىلغان. 98. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1995 - يىللىق 8 - سانىغا ئابدۇللا تالىپنىڭ « شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتى » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 99. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان ئىمىنجان ئەھمىدى تۈزگەن « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى نامايەندىلەر » ناملىق كىتابتا ل . مۇتەللىپ تونۇشتورۇلغان. 100. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997 - يىلى 4 - ئايدا نەشر قىلغان، ئۇچقۇنجان ئۆمەر تۈزگەن« ئاھ نۇرلۇق ئابىدىلەر » ناملىق توپلامغا ل . مۇتەللىپكە بېقىشلانغان مەرسىيەلەردىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ 1953 - يىلى يازغان« دوستۇم مۇتەللىپ »، تۇردى سامساق 1955 - يىلى يازغان « شائىرغا »، رەخمىتۇللا جارى 1962 - يىلى يازغان« ئوت يۈرەك شائىر »، ئابدۇللا تالىپ 1980 - يىلى يازغان « جەڭگىۋار شائىر »، ھەجەر قادىر 1980 - يىلى يازغان« ئىجادىڭ ئۆمرى تەڭ مىڭ ئۆمۈرگە »، ئوسمانجان ساۋۇت 1981 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ خاتىرىسىگە »، جەمىلەم غۇجەش 1982 - يىلى يازغان « شائىر ئۆلمىدى »، ئايىمخان ئاۋامسىلىم 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇساتتار ناسىرى 1983 - يىلى يازغان « ئۆچمەس يۇلتۇز »، ئابدۇكېرىم خوجايۇف 1986 - يىلى يازغان « لوتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ئالدىدا »، ئابدۇكېرىم مەخسۇت 1986 - يىلى يازغان« تۇر شائىر، ئېنىڭ كەلدى سېنى ئىزدەپ »، ئابدۇسالام توختى 1995 - يىلى يازغان « خەلق ئوغلانى لوتپۇللا »، ئابلىز ئۆمەر يازغان « ئىزىڭ ئۆچمەيدۇ » قاتارلىق مەرسىيەلەر كىرگۈزۈلگەن. 101. « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1997 - يىللىق 12 - سانىغا مەمەت شاۋدۇننىڭ « لوتپۇللاھ مۇتەللىپ خەلقنىڭ قەلبىدىكى شائىر » ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. 102. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1998 - يىلى يازغۇچى مۆمىن مۇھەممىدى يازغان ل.مۇتەللىپنىڭ بالىلىق ھاياتىغا بېغىشلانغان « شاۋقۇن » ناملىق رومان نەشر قىلىنغان.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.