From Wikipedia, the free encyclopedia
مارك زاكىربېرگ بولسا 1984-يىلى5 -ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. ئۆسمۈر ۋاقتىدا ناھايىتى ياخشى بولغان تەربىيلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان (يەھۇدىيلارنىڭ بالا تەربىيلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ)، كىچىك ۋاقتىدا ئۇ ئۆسمۈر كومپىيۇتېر پېشۋاسى ئاتالغان. 10 ياش ۋاقتىدا ئۇ بىرىنچى قېتىم كومپىيۇتېرغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپلىگەن ۋاقتىنى كومپىيۇتېر ئىشلىتىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ
خاككىرلىق ۋەقەسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مارك ئىككى ياتاقدىشى بىلەن بىللە بىر ھەپتە ۋاقىتنى ئىشقا سېلىپ تور بېكەت سىستېمىسى خارۋارد ئىجدىمائىي ئالاقە تورى the face book نى قۇرۇپ چىقىدۇ. 2004-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان the face book بولسا خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. 2004-يىلى يىل ئاخىرىدا facebook نىڭ ئەزا سانى 1 مىلىيۇنغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مارك خارۋاردتىكى ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تور بېكەتنى ماڭغۇزىدۇ.
2011-يىلى، 413 كىشى فوربىس قاتارىغا كىرىدۇ، facebook نىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مارك بولسا، 13مىلىيارد 500 مىلىيۇن مەبلىغى بىلەن، 52-قاتارغا تىزىلىدۇ. ھەمدە، دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىلياردېر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 2011-يىلى 11-ئايدا، ماركنىڭ فوربىس قاتاردىكى ئورنى 9-ئورۇنغا ئۆتىدۇ. 2012-يىلى 3-ئايدا بولسا مارك 26 مىلىيارد 600 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرلىق ئىقتىسادى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ياش قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن باي بولۇپ سانىلىدۇ.
مارك زاكىربېرگ face book بولسا بىر ئىجدىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بېكەت. 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 2006-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە بۇ تور بېكەت ئامېرىكا تور بېكەت دەرىجىسىدىكى 60-ئورۇندىن 7-ئورۇنغا ئۆتكەن. شۇنداقلا، ئامېرىكادىن ئەڭ چوڭ رەسىم ھەمبەھىرلەش تور بېكىتىگە ئايلانغان. Facebook تور بېكىتىگە ھەر كۈنى چىقىرىلىدىغان رەسىم سانى 8 مىلىيۇن 500 مىڭ پارچە. face book نىڭ نىشانى بولسا «ئىزدەش» كە قارىتىلغان.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ باش شتابى بولسا ئامېرىكانىڭ سان-فىرانسىسكودىكى كالفورنىيە كوچىسىغا جايلاشقان. face book نىڭ ھازىرچە 350 خىزمەتچىسى بار. face book نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg بولسا، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىلگىرى Asdsley ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، face book نىڭ ئەزا تىزىملىتىش دائىرسى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنى ئىچىدىلا چەكلەنگەن. كېيىن كېڭىيىپ بوستون رايونىدىكى، بوستون ئىنىستىتۇتى، بوستون ئۇنۋېرسىتېتى، نىيۇ-يورك ئۇنۋېرسىتېتى، شەرقى شىمال ئۇنۋېرسىتېتى، ماسسچۇسىتىس تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى، سىتەنفورد ئۇنۋېرسىتېتى ھەمدە روسچىستېر ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىقلارغا ئېچىۋېتىلگەن. ئىككىنچى يىلى، كۆپلىگەن مەكتەپلارمۇ قوشۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، دۇنيا خارەكتېرلىك ئېچىلىپ، ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانما كەينى قوشۇلغۇچىسى edu, uk, ac لەردىن تەشكىللەنگەن ھەربىر كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، face book تا ئوتتۇرا مەكتەپ ھەمدە شىركەتلەرنىڭ ئىجدىمائىي ئالاقە بېتى قۇرۇشقا يول قويۇلغان. 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىناۋاتلىك يوللانما ئادىرېسى ۋە يېشى بىلەن تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. 2007-يىلى 7-ئايدا، face book نىڭ ئەزا سانى 30 مىلىيۇنغا يېتىپ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك ماركىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
Face book تور بېكىتىfacebook نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، face book نامى بولسا «رويخەت» دېگەن ئۇقۇمدىن كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ئۇنۋېرسىتېتلاردا يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىكى بارلىق كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىك قەغىزىنى تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كونا ئوقۇغۇچىلارنى تونىۋېلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارتىلىپ بېرىلەتتى.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.