ئىتالىيەلىك پەيلاسوپ ئالويسىيۇس لىلىيۇس ئىجاد قىلغان كالېندار From Wikipedia, the free encyclopedia
قېلىپ:Sidebar
مىلادى تەقۋىم ياكى گرېگورىئان تەقۋىمى (لاتىنچە: Calendarium Gregorianum)، ئىتالىيان ئەمچى/تېۋەب، پەيلاسۇب، ئالويسىيۇس لىلىيۇس (Aloysius Lilius) تەرىپىدىن جۇلىئان تەقۋىمىنى ئىسلاھ قىلىپ ھازىرلانغان بىر تەقۋىمدۇر ۋە پاپا XIII گرېگورىي تەرىپىدىن 1582 - يىلى ئېلان قىلىنغان. مىلاد كۈنى تارىخىنىڭ باشلانغۇچى ۋە دۇنيانىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى ئايلىنىش دەۋرى 365 كۈن 6 سائەتلىك زاماننى «بىر يىل» دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. كۈنىمىزدە دۇنيادا ئەڭ كەڭ قوللىنىلغان تەقۋىم بولمىش مىلادى تەقۋىم ھەر يىل 10.8 سېكۇنت خاتالىق ئورانى بىلەن ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئەڭ نازۇك تەقۋىمدۇر.
1582 - يىلى 4 - ئۆكتەبىردە قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ئەۋۋەل ياۋروپاغا ئاندىن باشقا ئەللەرگە تارقالغان. گرېگورىيان تەقۋىمى تۈزۈلۈش جەريانىدا جۇلىيان تەقۋىمىگە 10 كۈن قوشۇلغان، 1582 - يىلى 5 - ئۆكتەبىر كۈنى 15 - ئۆكتەبىرگە ئۆزگەرتىلگەن. 1752 - يىلى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر بولسا 11 كۈن قوشقان.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى مىڭ يىلدىن زىيادە ۋاقىت ھىجرىيە تەقۋىمى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، 1884 - يىلىدىن بېرى رەسمىي بىر خىتاي مۇستەملىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 1912 - يىلىدىن ئېتىبارەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا رەسمىي ھالدا مىلادى ۋە مىنگو يىلنامىسى قوللىنىلغان. قاچانكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بېرى رەسمىي ھالدا پەقەتلا مىلادى تەقۋىم قوللىنىلىشقا باشلىغان.
گرېگورىيان تەقۋىمى، تارىختىن بۇيان قوللىنىلغان تەقۋىم/كالىندارلار ئىچىدە ئەڭ ئاز خاتالىق كۆرۈلگەن تەقۋىمدۇر. كۈنىمىزدە بىر ئېكىنوكس يىلى 365,242375365 كۈندۇر (365 كۈن 5 سائەت 49 مىنۇت 12 دەقىقە). گرېگورىيان تەقۋىمىدە ئوتتۇرىچە بىر يىل 365.2425 كۈن بولۇپ ھەقىقىي ئېكىنوكس يىلىغ ئۇزۇنلىقىغا تولىمۇ يېقىندۇر.
ھەر يىلى "ئوتتۇرىچە" 0,000125 كۈنلۈك بۇ كىچىك خاتا، يىللىق ئوتتۇرىچە دەقىقەگە تەڭدۇر. تەقۋىم ھېساپلاشتا بىر كۈنلۈك خاتالىق پەرقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن 8000 يىل ئۆتۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 8000 يىل جەريانىدا بىر ئېكىنوكس يىلىنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ مۇقىم بولماي قانچىلىق ئۇزۇن بولۇشى ئېنىق بىلىنمەيدۇ. بۇ ۋەجدىن گرېگورىيان تەقۋىمى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە نازۇك بىر تەقۋىمدۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەت يېڭىدىن تەقۋىم تۈزۈشكە ئېھتىياج يوقتۇر.
قېلىپ:ئاساسىي ماددا ئىلگىرى 25 - مارت بولغان يېڭى يىل كۈنى 1 - يانىۋار دەپ قوبۇل قىلىنغان. فېۋرال ئېيىنىڭ 28 كۈن بولۇشى ساقلاپ قېلىنغان.
رەت | ئاي | تۈركچە | ئىنگىلىزچە | كۈن سانى |
---|---|---|---|---|
1 | يانىۋار | Ocak | January | 31 |
2 | فېۋرال | Şubat | February | 28 ياكى 29 |
3 | مارت | Mart | March | 31 |
4 | ئاپرېل | Nisan | April | 30 |
5 | ماي | Mayıs | May | 31 |
6 | ئىيۇن | Haziran | June | 30 |
7 | ئىيۇل | Temmuz | July | 31 |
8 | ئاۋغۇست | Ağustos | August | 31 |
9 | سىنتەبىر | Eylül | September | 30 |
10 | ئۆكتەبىر | Ekim | October | 31 |
11 | نويابىر | Kasım | November | 30 |
12 | دېكابىر | Aralık | December | 31 |
قېلىپ:ئاساسي ماددا كەبىسە يىللار, فېۋرال ئېيى 28 كۈن ئەمەس 29 كۈن كەلگەن يىللاردۇر. بۇ تەدبىقلاش بىر يىل توپتوغرا 365 كۈن ئەمەس 365 كۈن 6 سائەت بولىدىغانلىقىدىن ھەر يىلى ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان 6 سائەتلىك مۇددەتنى دەل بىر كۈنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. مىلادى تەقۋىمىدە ئاخىرى -00 بولمىغان ۋە 4 كە پۈتۈن بۆلىنىدىغان پۈتكۈل يىللار كەبىسە يىلىدۇر. ئاخىرى -00 بولغان يىللار، يەنى يۈزىنچى يىللار ئەگەر 400 گە پۈتۈن بۆلۈنسە كەبىسە يىلى بولالايدۇ. مەسىلەن، 1900 - يىلى كەبىسە يىلى ئەمەس، لېكىن 2000 - يىلى كەبىسە يىلىدۇر.
كەبىسە يىلى، ھەر تۆرت يىلدا بىر قېتىم تەكرارلانغاچقا مەزكۇر 2020 - يىلىدىن ئېتىبارەن 2024، 2028، ... شەكىلدە 2100 - يىلغىچە داۋاملىشتۇرساق، 2100 - يىلى 400 گە كەسرسىز بۆلۈنمەيدىغانلىقى ئۈچۈن كەبىسە يىلى بولالمايدۇ.
بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىرى، ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش 21 - مارت كۈنىگە مۇمكىنقەدەر يېقىنلاشتۇرۇشتۇر. بۇنىڭلىق بىلەن غەربلىكلەر پاسخا بايرىمى 21 - مارت كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنلار تەبرىكلىيەلەيدۇ. شەرق ئالەمىدە ھەم 21 - مارت كۈنى نەۋرۇز بايرىمى قۇتلىنىدۇ.
2010 - يىلىدىن بېرى، جۇلىيان تەقۋىمىنى گرېگورىيان ياكى مىلادى تەقۋىمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن 14 كۈن قوشۇشقا توغرا كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال بەزى خرىستىيان ئورتودوكس چېركاۋلىرىنىڭ روژدېستىۋو كۈنىنى تەبرىكلەشنى 7 - يانىۋاردىن 8 - يانىۋارغا ئۆزگەرتكەن.
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.