ياۋروپا ئىتتىپاقى
From Wikipedia, the free encyclopedia
ياۋروپا ئىتتىپاقى باش شتابى بېلگىيەنىڭ بېريۇسسېل شەھىرىدە،ئەسلىدىكى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدىن تەرەققى قىلىپ شەكىللەنگەن.24 خىل تىل ئىشلىتىدۇ. ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ماسترېخېد رەھبەرلەر يىغىنى 1991-يىلى 12-ئايدا،«ياۋروپا ئىتتىپاقى نىزامنامىسى»نى ماقۇللاپ،1993-يىلى 1-نويابىردا رەسمى كۈچكە ئىگە بولۇپ،ياۋروپا ئىتتىپاقى بارلىققا كەلگەن.2012-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان لونپي،ياۋروپا ئىتتىپاقى كومېتىتىنىڭ رەئىسى باروززو،ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتېن.شۇرس. ئومۇمى نوپۇسى 502486499،يەر مەيدانى 4324782 كۋادرات كىلومېتر،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 34038 ئامېرىكا دوللىرى،پۇل بىرلىكى ياۋرو. ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتە ياۋروپادىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان،رايون خارەكتېرلىك خەلقئارالىق تەشكىلات.ئەزا دۆلەتلەر بىر قىسىم ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەشكىلاتقا تاپشۇرغان. مەسىلەن،پۇل،پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى،ئىچكى بازار،تاشقى سودا قاتارلىق. ئەزادۆلەتلەر:ئاۋستىرىيە،بېلگىيە،بۇلغارىيە،سىپرۇس،كرودىيە،چېخ،دانىيە،ئىستونىيە،فىنلاندىيە،فرانسىيە،گېرمانىيە،گرېتسىيە،ۋېنگرىيە،ئېرلاندىيە،ئىتالىيە،لاتۋىيە،لىتۋا،ليۇكسېمبۇرگ،مالتا،گوللاندىيە،پولشا،پورتۇگالىيە،رومىنىيە،سلوۋاكىيە،سلوۋېنىيە،ئىسپانىيە، شۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق 28 دۆلەت