ئامۇ دەريا (تۈركمەنچە: Ceyhun, Amıderya، ئۆزبېكچە: Amudaryo، ڧارسچە: آمودریا; Âmudaryâ)، تاجىكچە: Амударё، پەشتۇنچە: د آمو سيند؛ də Āmú Sínd) ، مەركەزىي ئاسىيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن دەرياسى بولۇپ، جەيھۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تارىختا لاتىنلەرچە ئوكسۇس (Oxus) دەپ ئاتالغان دەريادۇر. شەرقتە ۋاخان دەرياسى ۋە پەنجاب دەرياسىدىن ئوزۇقلىنىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ ئاقىدۇ ۋە ئاڧغانىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ھۇدۇدلىرىدىن كېچىپ ئاخىرىدا ئارال دېڭىزىغا قويىلىدۇ. قەدىمدە ئىران ۋە تۇران ئاراسىدىكى بۈيۈك چېگرا دەپ قارالغان.[1]
ئامۇ دەريا | ||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
ئامۇ دەريانىڭ تۈركمەنىستاندىن بىر كۆرۈنىشى | ||||||||||||
| ||||||||||||
شەكىللىنىشى
ئاڧغانىستاندا جەنۇبىي پامىردىن پامىر ۋە پەنج دەريالىرى نامى بىلەن باشلىنىدۇ. تېخىمۇ شىمالدا قىرغىزىستاندىن باشلانغان قىزىلسۇ دەرياسى تارمىقىنىڭ قوشىلىشىدىن كېيىن جەيھۇن دەپ ئاتىلىدۇ. تاجىكىستان بىلەن شەرقىي شىمالىي ئاڧغانسىتاننىڭ چىگراسى شەكىللەندۈرگەندىن سوڭرە كەڭ بىر دېلتا بىلەن ئارال كۆلىگە قويىلىدۇ. پەنج ۋە پامىر تارماقلىرىدىن ھېسابلانغاندا 1415 كلومېتر، لېكىن شەرقىي پامىردىن توغۇلغان ئەڭ ئۇزۇن قولى بولغان دەيايى ۋاھجىرنىڭ مەنبەسىدىن ھېساپلانغاندا ئۇزۇنلۇقى 2540 كىلومېترغا ئۇلىشىدۇ.
قاراڭ
- سىر دەريا
- ماۋەرائۇننەھر
- دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەيالار
مەنبە
Wikiwand in your browser!
Seamless Wikipedia browsing. On steroids.
Every time you click a link to Wikipedia, Wiktionary or Wikiquote in your browser's search results, it will show the modern Wikiwand interface.
Wikiwand extension is a five stars, simple, with minimum permission required to keep your browsing private, safe and transparent.