ئىسلام
From Wikipedia, the free encyclopedia
ئىسلام، ئىسلامىيەت[1] ياكى مۇسۇلمانچىلىق[1] (ئەرەبچە: الإِسْلاَم\ئەلئىسلام)، بىر خۇدالىق ئېتىقادقا تايانغان ئەڭ كەڭ تارقالغان ساماۋىي دىنلارنىڭ بىرىدۇر.[2] ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاسىتەسى بىلەن 7. ئەسردە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تارقىلىشقا باشلىغان بىر دىن. ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىغا ئىمان كەلتۈرگەن، ئېتىقادلىق دېگەن مەنىدە مۇئمىن ياكى ئاللاھقا تەسلىم بولغان مەنىسىدىكى مۇسۇلمان دېيىلىدۇ.[3] بەئزىدە غەيرى مۇسلىم مەنبەلەردە قوللىنىلغان مۇھەممەدىيلىك ياكى مۇھەممەدىزىم ئاتالغۇلىرى[4][5][6] مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوللىنىلمايدۇ.[7]
|
ئىسلام ئىتىقادىچە، ئىسلامنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش قۇرئان كەرىمنى تەشكىل قىلغان ئايەتلەر ۋە سۇرەلەر جىبرىئىل ئىسىملىك پەرىشتە ۋاسىتەسى بىلەن ئاغزاكى شەكىلدە ھز. مۇھەممەد ئە.س غە ۋەھىي قىلىنغاندۇر. ئىسلامنىڭ ئاساسىدا، تەۋھىد ئېتىقادى تۇرۇركىم، بۇ ئوقۇم ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىگە ئىشەنمەك دېمەكتۇر.
دەستلەپتە سىياسىي، كېيىنچە تېئولوگىيلىك-ئوقۇمچان ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە شىئەلىك ۋە ئانا ئېقىمنى تەمسىل قىلغان سۈننىيلىك، ئاساسلىق ئىسلام مەزھەبلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئاستىدا ئىسلامىي فىقىھ ۋە ئېتىقاد قاتارلىق تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەزھەبلەر باردۇر.
ھز. مۇھەممەد ئە.س، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە كېيىنچە خەلىپىلەر ۋە خانەدانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلغۇسى ئىسلام دۆلىتىنى ھەم قۇرغاندۇر. كېيىنچە ئىمپېراتورلۇققا ئۆزگەرگۈسى بۇ دۆلەتنىڭ بۆلۈنىشى بىلەن يېڭى ئىسلام ئەللىرى ئوتتۇرىغا چىققان.